مەھسۇلاتلار> ئەلكاتىپ

ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 6.0

 


قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

Windows مۇھىتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، چاغاتايچە ئۆلچەملىك كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى ھېسابلىنىدۇ. «ئەلكاتىپ» بىلەن Microsoft Office نىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇرچە ئارىلاشقان كۆپ تىللىق كىتاب-ژۇرنال بەتلىرىنى ياساش، ئېلېكترونلۇق جەدۋەل ئىشلەش، كۆپ ۋاسىتىلىك كۆرسەتمە ئارگىنال تەييارلاش، تور بەت لايىھىلەش، ئېلېكترونلۇق خەت ئەۋەتىش، ...قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رەسىم ۋە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىدا، «ئەلكاتىپ» تەھرىرلىگۈچ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. باشقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردە كىرگۈزۈلگەن ھۆججەت-ماقالىلەرنى ئەلكاتىپ (يۇنىكود) ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ.

ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقتى: 2016-12-10
ئىشلەش مۇھىتى: Windows 7/8/10, 32 & 64 bit
سىغىمى: 7.50MB
Download
  • سېلىشتۇرما
  • ئېكران كۆرۈنۈشى
  • ئىقتىدارى
  • ئومۇمىي چۈشەنچە
  • «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ» ھەقسىز نۇسخىسى، شەخسلەر نۇسخىسى، ئىدارە-ئورگان نۇسخىسى قاتارلىق ئۈچ نۇسخىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ناۋادا، مۇكەممەل ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» مەھسۇلاتىمىزنى ئايرىم سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى «ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ»نى سىناپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. شەخسلەر نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز، پەقەت شەخس نامىدا تالۇن بېرىلىدۇ. ئىدارە-ئورگان ئۈچۈن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئىدارىڭىز نامىدا تالۇن كېسىلىدۇ، شەخسلەر نۇسخىسى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

    ئىدارە-ئورگان نۇسخىسى شەخسلەر نۇسخىسى ھەقسىز  
    ئاساسىي خەت نۇسخىسى (6 خىل)
    قوشۇمچە خەت نۇسخىسى (10 خىل)
    ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ
    قازاقچە، قىرغىزچە، قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ
    كود ئالماشتۇرۇش
    ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ
    Windows 64
    بىر كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا بولىدۇ. بىر كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا بولىدۇ. چەكلىمە يوق قاچىلاش چەكلىمىسى
    480 يۈەن 100 يۈەن ھەقسىز باھاسى
    تېلېفون ئارقىلىق مۇلازىمەت (180 كۈن) تېلېفون ئارقىلىق مۇلازىمەت (90 كۈن) سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت
    سېتىش بۆلۈمىگە كەلسىڭىز، ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىمىز، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئايرىم ھەق ئېلىنىدۇ، بىر كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلىڭ.    
           
  • كود ئۆلچىمى

    خەلقئارا يۇنىكود، دۆلەت ئۆلچىمى (Unicode5.0/ISO 10646/GB18030) ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كودلاش ئۆلچىمى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، ئۇيغۇرچە قوشۇلغان Windows 7/8 بىلەن ماسلاشتۇرۇلدى.

    خەت نۇسخىلىرى

    كۆپ تىللىق مەتبەئە ئۆلچىمىگە ماسلاشقان بولۇپ، تۈز خەت نۇسخىلىرى باسما، كىتاب، گېزىت ۋە ژۇرنال ئېھتىياجى بويىچە تۆت تۈرگە ئايرىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا نەپىس ئىشلەنگەن ھۆسنخەت نۇسخىلىرىمۇ تەمىنلىنىپ، خەت نۇسخىلىرىنىڭ نامى بىردەك ALKATIP (ئەلكاتىپ)تىن باشلاندى.

    ئىملا تەكشۈرۈش

    ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى تېخىمۇ تېزلىتىلگەن بولۇپ، ھەر مىنۇتىغا 50-60 بەتلىك سۈرئەت بىلەن تەكشۈرىدۇ. يەككە سۆزلەردىكى ھەرپ چۈشۈپ قېلىش، ئارتۇق يېزىلىپ قېلىش، ئالمىشىپ يېزىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

    ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ

    Microsoft Word يېزىلغان كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ، Photoshop قا ھەتتا باشقا سۈرەت تەھرىرلەش يۇمشاق دېتاللىرىغا ئۆز پېتى چاپلاشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگەندە سۆز بېشىدا ھەمزەنى بېسىش ھاجەتسىز، كېڭەيتىلگەن رايونغا تەتۈر ئايلاندۇرغاندىكى «چ» مەسىلىسى تۈزىتىلدى.

    كود ئالماشتۇرۇش

    ئوچۇق ۋە يېپىق ھالەتتىكى كود ئالماشتۇرۇش تەمىنلەندى. Word مۇھىتىدىكى كود ئالماشتۇرۇشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ماكرو بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ھاجەتسىز. ئۇيغۇرچە كود ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەن دەۋرلەردە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەت-ماقالىلەرنى ئەلكاتىپ (يۇنىكود) ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ.

    كىتاب-ژۇرنال تۈزۈش

    Microsoft Word/Publisherئارقىلىق رەڭلىك كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ۋە كۆپ تىللىق مۇرەككەپ لۇغەت بېتىنى ياساشقا بولىدۇ. Acrobat/CorelDraw يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ھەر قانداق لازېر نۇرلۇق پرىنتېرلاردا S2 ھۆججىتى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، كەسپىي باسما ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدۇ.

    باشقىلار

    Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نۇسخىسىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. يېشىل ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قاچىلاش جەريانىدا ئۈستەليۈزىنى ئۆزگەرتىش، تىزىملاش جەدۋىلىگە ئۇچۇر يېزىش، تور بەت ئۇلىنىشلىرىنى قوشۇۋېلىشتەك مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارمايدۇ. ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز قالدۇقى قالمايدۇ. قاچىلاش پىروگراممىسى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ياسالدى، Windows XP غا قاچىلىغاندا، ئوڭدىن-سولغا ئىقتىدارنى ئۆزلىكىدىن قوشالايدۇ، ئايرىم تەڭشەش ھاجەتسىز.

  • ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 7 نىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەمما Windows7 مۇھىتىدا، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزۈش، كود ئالماشتۇرۇش ۋە Photoshop قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارغا ھازىرچە ئەلكاتىپ لازىم بولىدۇ.

    «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»Windows مۇھىتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە ئۆلچەملىك كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى ھېسابلىنىدۇ. «ئەلكاتىپ» بىلەن Microsoft Office نىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇرچە ئارىلاشقان كۆپ تىللىق كىتاب-ژۇرنال بەتلىرىنى ياساش، ئېلېكترونلۇق جەدۋەل ئىشلەش، كۆپ ۋاسىتىلىك كۆرسەتمە ئارگىنال تەييارلاش، تور بەت لايىھىلەش، ئېلېكترونلۇق خەت ئەۋەتىش، ...قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رەسىم ۋە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىدا، «ئەلكاتىپ» تەھرىرلىگۈچ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. خەلقئارا يۇنىكود (Unicode/ISO 10646)، دۆلەت ئۆلچىمى(GB18030) ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كودلاش ئۆلچىمىنى قوللايدۇ. باشقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردە كىرگۈزۈلگەن ھۆججەت-ماقالىلەرنى ئەلكاتىپ (يۇنىكود) ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ.