مەھسۇلاتلار> كوررېكتور

ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ 1.5

 


قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ» يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالى بولۇپ، ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىملا ۋە تىنىش بەلگە خاتالىقىنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە تەييارلانغان بولۇپ دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. توردىكى ئۇيغۇرچە ئىملا خاتالىقلىرىنى تېخىمۇ ئازايتىش ئۈچۈن بۇلۇت تېخنىكىسى ئاساسىدا ياسالدى، شۇنداقلا پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ يۇمشاق دېتال Windows مۇھىتىدىكى ئايرىم تەھرىرلىگۈچ بولۇپ، نەشرىيات ياكى تەھرىر بۆلۈمىگە ماس كەلمەيدۇ. Microsoft Word مۇھىتىدا ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 7.0 نى ئىشلىتىڭ.

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2015-8-25
ئىشلەش مۇھىتى: Windows XP/7/8/10, 32 & 64 bit
  • ئاساسىي سۆزلۈك مۇكەممەل، كەسپىي ئاتالغۇلار مول

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ سۆز ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە باشقا كەسپىي ئاتالغۇلارمۇ تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەن. ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەر 250 مىڭغا يېتىدۇ.

    ئاساسىي سۆزلۈك ۋە تۈرلىنىش قائىدە ئامبىرى

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ ئىسىم ۋە پېئىللارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشىدىن تۈزۈلگەن قوشۇمچە قائىدە ئامبىرى قۇرۇلغان بولۇپ، 8 مىليون سۆزلۈك دائىرىسى ئىچىدە ئىملا تەكشۈرەلەيدۇ.

    ئىملا تەكشۈرۈش ئىنتايىن تېز

    گەرچە سۆزلۈك ئامبىرى كۆپەيتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى ئىلگىرىكىدىن 10 ھەسسە تېزلىتىلگەن بولۇپ، ئىملا تەكشۈرۈش سۈرئىتى ھەر سېكۇنتتا 800-1000 سۆز (ياكى بىر بەت) دىن يۇقىرى. تاق سۆزلەردىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپنىڭ كەم، ئارتۇق ياكى ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە بايقاپ بەلگە سېلىپ بېرىدۇ.

    ئىملا تۈزىتىش قولايلىق

    ئىملا تەكشۈرۈش داۋامىدا، مەلۇم بىر سۆزنى سۆزلۈك ئامبىرى ۋە تۈرلىنىش قائىدە ئامبىرىدىن ئىزدەپ تاپالمىغاندا، گۇمانلىق سۆز دەپ قارايدۇ ھەمدە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بىر نەچچە نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە ئاساسەن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان توغرا سۆزنى تاللاپ بەرسەك بولىدۇ، قىسمەن ئەھۋاللاردا نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەندە، توغرا ئىملاسىنى كىرگۈزسەك بولىدۇ.

    سۆزلۈك لۇغىتى

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ سۆز ۋە باشقا كەسپىي ئاتالغۇلاردىن تۈزۈلگەن لۇغەت تەمىنلەنگەن بولۇپ، تۈپ سۆزلەرنى خالىغانچە ئىزدىيەلەيسىز.

  • «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ تۇنجى نۇسخىسى 2000-يىلى 6-ئايدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، كومپيۇتېر ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى چۈشىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باستى. ھازىرغا قەدەر كەسىپتە پىشقان بىر قىسىم كوررېكتور، تەھرىرلەرنىڭ نۇرغۇن تەكلىپ-پىكىرلىرى قوبۇل قىلىندى ۋە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى. ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى ئوڭايلا ئىملا تەكشۈرۈش، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالايدۇ.

    گەرچە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى پېشقەدەم كەسپىي كوررېكتورنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈنلەي قىلالمىسىمۇ، پۈتۈنلەي ئادەم ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلىدىغان ئەنئەنىۋى جەريانلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن تېجەپ بېرەلەيدۇ. باشقا تىللاردا تۇنجى كوررېكتورلۇقنى كومپيۇتېر ياردىمىدە قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان.

    ئەمەلىيەتتە بۇ يۇمشاق دېتال ئاخبارات-نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرچە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرقانداق كىشىگە ماس كېلىدۇ. مەيلى سىز كىتاب-ژۇرنال نەشر قىلىڭ ياكى توردىكى مۇنبەر، بىلوگلاردا ماقالە ئېلان قىلىڭ ئوخشاشلا زۆرۈر بولىدۇ.

    «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى ئۆلچەملىك، كەسپىي ۋە كارخانا نۇسخىسى دەپ ئايرىلغان بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى، ئىقتىدارى ۋە باھاسى پەرقلىنىدۇ. ئىشلىتىش ئېھتىياجى بويىچە تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.